تەيۋەندىكى سايلامدا ما يىڭجيۇ 58 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ پرېزىدېنت بولدى
2008.03.24
تەيۋەندە 22 - مارت ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە ئىلگىرىلەش پارتىيىسى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، نەتىجىدە گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ما يىڭجيۇ پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ما يىڭجيۇ ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي بىلەن ئىقتىسادى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ۋە خىتاي بىلەن تەيۋەن ئارىسىدا بىۋاستە قاتنايدىغان ھاۋا يولى تەسىس قىلىش ئىدىيىلىرى كۆپىنچە تەيۋەنلىكنىڭ كۆڭلىگە ياققان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا ما يىڭجيۇ 58 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ پرېزىدېنتلىق ئورنىغا ئېرىشكەن.
22 - مارت تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان سايلامغا خىتاي ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى ھەر ئىككىلىسىلا ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ نەقىل ئېلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش مەزكۇر سايلام ھەققىدە توختىلىپ، سايلامنىڭ تەيۋەن ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى "يېڭى باشلىنىش پۇرسىتى" بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى، تەيۋەندە بۇ نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىش راي سىناش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىز بولۇپ چىققانلىقى، تەيۋەن خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقنى قوللىمايدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ كۆرسىتىشىچە يەنە، ما يىڭجيۇ تەيبېي شەھىرىدىكى گومىنداڭ پارتىيىسى باش شىتابىنىڭ ئالدىدا، ئۆز قوللىغۇچىلىرىغا تەيۋەن بوغۇزىغا تېخىمۇ كۈچلۈك بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادى گۈللىنىش ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خىتاي ئەمەلدارى تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىندى
- خىتاي كوسوۋادا تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ساقچى ئەۋەتمەكچى
- تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاتالغۇلارنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى قوزغىۋەتتى
- خەلق قۇرۇلتېيى سايلىمىدا ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ
- تەيۋەن پرېزىدېنتى سپراتىلى تاقىم ئاراللىرىنى زىيارەت قىلدى
- تەيۋەن ب د ت غا ئەزا بولۇش رېفىراندۇمىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- جەنۇبىي سپراتلى تاقىم ئاراللىرىدا تەيۋەننىڭ ئايرودروم قۇرغانلىقى خىتاينى غەزەبلەندۈردى
- تەيۋەن ھەربىي مانېۋىردا ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى نامايەن قىلدى
- دېموكراتىيە تۈزۈمى مۇستەبىت تۈزۈمنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟
- تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيسى كۆرسەتكەن پرېزىدنت كاندىداتى ما يىڭجيۇنىڭ سايلام ئېلانى
- تەيۋەندىكى سايلام نەتىجىسى مۇستەقىللىقنىڭ ئىنكارىمۇ ياكى چېن شۇيبيەننىڭ ئىنكار قىلىنىشىمۇ؟
- تەيۋەندە گومىنداڭنىڭ دۆلەت مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھەققىدە ئاۋاز قويۇش مەسىلىسى تالاش- تارتىشتا