تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتۈشى خىتاينىڭ چىشىغا تېگىشى مۈمكىن


2007.08.13

بىر نەپەر ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىمى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، كېلەر ھەپتە لاتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەتتە بولىدىغان تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ ، ئالياسكا شتاتىدا توختاپ ئۆتۈشىگە يول قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

تەيۋەنگە جايلاشقان ئامېرىكا ئىنستىتۇتىنىڭ باياناتچىسى توماس خوگېس، چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتۈشىنى: " بۇلار پەقەت پرېزىدېنت چېننىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا سەپىرىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئورۇنلاشتۇرۇلغان" دېدى ۋە پرېزىدېنت چېننىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتۈشى نارەسمىي بولۇپ , ئۇنىڭ پەقەت شەخسى ئىش ئىكەنلىكنى قوشۇمچە قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشى، خىتاينىڭ چىشىغا تېگىشى مۈمكىن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، چېن شۈيبيەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئۇنىڭ ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتۈدىغان جاينىڭ ، ئامېرىكىنڭ باشقا يېرىگە ئەمەس بەلكى، ئالياسكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئانچە بىر خۇشاللىنارلىق ئىش ئەمەس ئىكەن.

مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۈنلىرى تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا بوينىغا جايلاشقان خوندۇراس ۋە دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ، تەيۋەن-ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇچرىشىشىغا بېرىش سەپىرىدە ئالياسكا شتاتىدا توختاپ ئۆتىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى چېن شۈيبيەننىڭ 10 كۈنلۈك ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرى زىيارىتى ئاياغلاشقاندىن كىيىن، ئۇنىڭ قايتىش سەپىرىدە يەنە ئالياسكا شتاتىدا توختاپ ئۆتۈشنى ئورۇنلاشتۇرغان. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.