تەيۋەن مۇھىت مەسىلسىدە خىتايغا ياردەم بېرىشكە تەييار

جۈمە كۈنى، تەيۋەن مۇھىتنى قوغداش مىنستىرى ۋىنستون داڭ، خىتاي كارخانىلىرىدىن تەيۋەن بوغىزىغا ئېقىۋاتقان بۇلغانغان سۇ ۋە ئەخلەتلەر تەيۋەننىڭ مۇھىتىنى بۇلغاپ، تەيۋەن ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت قىلماقتا، دېدى.

بۇ ھەپتە ئىچىدە، ۋاشنگتوندا ئامېرىكا مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خادىملىرى بىلەن ئۇچراشقان تەيۋەن مۇھىتنى قوغداش مىنستىرى، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2008‏-يىلى 8 ‏‏- ئاۋغۇست كۈنىگە قەدەر يەنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى باشلىغانغا قەدەر، مۇھىتنى تازىلاپ بولىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن مۇھىتنى قوغداش مىنستىرى داڭ، تەيۋەننىڭ مۇھىتنى قوغداش مەسىلسىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەيۋەننىڭ مۇھىتنى قوغداش ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن ئۈگۈنۈشكە چاقىردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن " بىز بۇ مەسىلىدە خىتايغا ياردەم بېرىشكە تەييار. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارالىق بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك". لېكىن سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسىمى دەپ قاراپ، ئۇنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇدىغانلىقى ئۈچۈن، تەيۋەننىڭ مۇھىتنى قوغداش مەسىلىسىدىكى ياردەم تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، دېيىشمەكتە. (ئۆمەر قانات)