خۇاڭ جىفاڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا: "تەيۋەن پۈتۈنلەي بىر مۇستەقىل دۆلەت. سودا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ تەيۋەن دۇنيا بويىچە 16- ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەتتۇر" دېدى.
ئۇ يەنە: " بىر چەت دۆلەت خادىمىنىڭ ئېيتقانلىرى تەيۋەننىڭ دۆلەت ئورنىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ھەمدە بۇنداق باھالارمۇ "مەنتىقىسىز" دەپ قوشۇمچە قىلدى.
30-ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى، ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى دېننىس ۋىلدېر تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىش ئۈچۈن ئېلىپ بارماقچى بولغان ئومۇم خەلق راي سىناش ھەرىكىتىنى " چۈشىنىكسىز" دەپ سۈرەتلىگەن ھەمدە بۇنىڭ رايون خاراكتېرلىك مۇناسىۋەتلەردە جىددىيچىلىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىش بىر مۇستەقىل دۆلەت ئورنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش. تەيۋەن، جۇڭخۇا مىنگو (خىتاي جۇمھۇرىيىتى)، خەلقئارا جەمئىيەتتە تېخى بىر مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس" دېگەن ئىدى.
ۋىلدېر يەنە تەيۋەننىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
تەيۋەن، ئەسلىدە جۇڭخۇا مىنگو (خىتاي جۇمھۇرىيىتى) دېگەن نامدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كەلگەن بولۇپ 1971 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان. (جۈمە)