تەيۋەن، بېيجىڭنى تىنچلىققا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى
2007.10.01
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېچى جۈمە كۈنى ب د ت نى ئاگاھلاندۇرۇپ، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئارزۇسىنى خەلق ئاۋازىغا قويماقچى بولۇشىنىڭ رايون خاراكتېرلىك مۇقىملىققا ئېغىر بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1 -ئۆكتەبىر(دۈشەنبە) كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى رەت قىلدى. باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، تىنچلىققا تەھدىت سېلىۋاتقان تەرەپ تەيۋەن بولماستىن، خىتاي تەرەپتۇر. خىتاينىڭ تەيۋەننى نىشانلاپ تۇرغان 1000 غا يېقىن باشقۇرىلىدىغان بومبىسى بۇ تەھدىتنىڭ پاكىتلىرىدۇر.
باياناتتا، " بىر خىتاي" پرىنسىپى ئاشكارا تەنقىدلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: " تەيۋەن خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس، تەيۋەن بىلەن خىتاي 1949 - يىلدىن بېرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇلۇۋاتقان ئىككى دۆلەت ، بىر-بىرىگە تەۋە ئەمەس ، خىتاي تەيۋەننى باشقۇرۇپ باققىنى يوق ، بىر تىيىن باج ئېلىپ باققىنىمۇ يوق. تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى دېيىش رېئاللىقنى بۇرمىلىغانلىق ھەم خەلقئارا جامائەتنى خاتا يېتەكلەشكە ئۇرۇنغانلىق."
يەنە بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تـەيۋەن دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسى مۇشۇ يەكشەنبە كۈنى ئاچقان پارتىيە قۇرۇلتىيىدا، تەيۋەننىڭ مۇستەقىل كىملىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇق ئورنىنى خەلق ئاۋازىغا سېلىش لايىھەسى، ئۇزۇن تالاش-تارتىشتىن كېيىن ماقۇللانغان. يىغىندا ئېلىنغان قاراردا مۇنداق دېيىلگەن: "نامىمىز خىتاي جۇمھۇرىيىتىدىن تەيۋەنگە ئۆزگەرتىلىدۇ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭى ئاساسىي قانۇن يولغا قويۇلىدۇ. مۇۋاپىق بىر پەيتتە ، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئورنى خەلق ئاۋازىغا سېلىنىدۇ." (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىككى خادىمى خىتايغا مەلۇمات ساتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى
- تەيۋەن ب د ت ئەزالىقى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- تەيۋەن ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنۇشنى ئويلاشماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- تەيۋەندە يۈز مىڭلىغان كىشى، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى
- چېن شۈيبيەن : تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا تامامەن ھەقلىق
- تەيۋەندە مىڭلىغان كىشى مۇستەقىللىقىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى
- خۇ جىنتاۋ تەيۋەندە يولغا قويۇلىدىغان 'ئومۇمىي خەلق ئاۋاز قويۇش' نى بۆلگۈنچىلىك دەپ جاكارلىغان
- چىن شۈيبيەن تەيۋەن خەلقىنى، تەيۋەننىڭ ب د ت غا كىرىش ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىردى
- تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: " تەيۋەن بىر مۇستەقىل دۆلەت"