10 ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان شيوڭفېڭ 3 ۋە تيەنكۇڭ 3 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار پاراتتىن ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، مەزكۇر بومبىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇچۇش مۇساپىسى 800 كىلومېتىر بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، جەنۇبى خىتايدىكى خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرىغا، شاڭخەي، خوڭكوڭ قاتارلىق شەھەرلىرىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلەيدىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا تەيۋەن پرېزىدېنتى ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن دۆلەت بايرىمىدىكى نۇتقىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىكىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينى تەيۋەن قارىتىپ تىزىپ قويغان 1000 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېلىۋېتىشكە قىستىدى.
ئۇ يەنە، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەيۋەن نامىدا ئەزا بولۇپ كىرىشى ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز قويۇش پائالىيىتىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن نۇتقىدا، تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە تەيۋەن خەلقنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: " پەقەت تەيۋەن خەلقىلا ئۆز دۆلىتىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە" دېدى.
تەيۋەن 16يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئېلىپ بارغان بۇ ھەربىي پارات، خىتاي- تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيچىلىك ئۇلغىيىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ۋە تەيۋەننىڭ بىر- بىرىگە سوغۇققان مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ياپونىيە دۆلەت باياناتچىسى نوبۇتاكا ماچىمۇرا: " بۇ ئىككى تەرەپ بۇ مەسىلىلەرنى تىنچ يوسۇندا سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك" دېدى. ئۇ يەنە تەيۋەن بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ھەربىي جىددىيچىلىك بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.( جۈمە)