چېن شۈيبيەن : بىر جۇڭگو پرىنسىپى تەسلىم بولۇش كېلىشىمى ھېسابلىنىدۇ


2007.10.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ تەشەببۇس قىلغان " تىنچلىق كېلىشىمى" نى رەت قىلدى. چېن شۈيبيەن: " تەيۋەن ھەرگىزمۇ بېيجىڭ تەلەپ قىلغان " بىر جۇڭگو" پرىنسىپى ئاساسىدا جۇڭگو بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلمايدۇ" دېدى.

سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېن شۈيبيەن يەنە: "ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن ، نوقۇل بىر تەرەپنىڭ خاھىشى بويىچە ئالدىن ھازىرلانغان شەرتنامىگە ئاساسەن ئىش كۆرۈش، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ خىل كېلىشىمنى تىنچلىق كېلىشىمى ئەمەس بەلكى تەسلىمچىلىك كېلىشىمى دەپ ئاتايمىز " دېدى.

دۈشەنبە كۈنى ، خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ 17 ‏- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئۆز ‏- ئارا كېڭىشىپ، تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتىنىڭ " بىر جۇڭگو" پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.

ئەمما، چېن شۈيبيەن جۇڭگو تەرەپنىڭ، تەيۋەنگە قارىتىپ تىكلىگەن نەچچە يۈزلىگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى شۇنىڭدەك " بىر جۇڭگو" پرىنسىپىنى بىكار قىلمىغىچە، تەيۋەننىڭ جۇڭگو بىلەن ھەرقانداق بىر سۆھبەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت