چېن شۈيبيەن : بىر جۇڭگو پرىنسىپى تەسلىم بولۇش كېلىشىمى ھېسابلىنىدۇ
2007.10.16
تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ تەشەببۇس قىلغان " تىنچلىق كېلىشىمى" نى رەت قىلدى. چېن شۈيبيەن: " تەيۋەن ھەرگىزمۇ بېيجىڭ تەلەپ قىلغان " بىر جۇڭگو" پرىنسىپى ئاساسىدا جۇڭگو بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلمايدۇ" دېدى.
سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېن شۈيبيەن يەنە: "ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن ، نوقۇل بىر تەرەپنىڭ خاھىشى بويىچە ئالدىن ھازىرلانغان شەرتنامىگە ئاساسەن ئىش كۆرۈش، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ خىل كېلىشىمنى تىنچلىق كېلىشىمى ئەمەس بەلكى تەسلىمچىلىك كېلىشىمى دەپ ئاتايمىز " دېدى.
دۈشەنبە كۈنى ، خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ 17 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئۆز - ئارا كېڭىشىپ، تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتىنىڭ " بىر جۇڭگو" پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.
ئەمما، چېن شۈيبيەن جۇڭگو تەرەپنىڭ، تەيۋەنگە قارىتىپ تىكلىگەن نەچچە يۈزلىگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى شۇنىڭدەك " بىر جۇڭگو" پرىنسىپىنى بىكار قىلمىغىچە، تەيۋەننىڭ جۇڭگو بىلەن ھەرقانداق بىر سۆھبەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى پاراتتىن ئۆتكۈزدى
- تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۆرسەتمەكچى
- خىتاي، تەيۋەن دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ مۇستەقىللىقنى تەستىقلىغۇچى قارارنامىسىنى قاتتىق تەنقىدلىدى
- تەيۋەن، بېيجىڭنى تىنچلىققا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى
- تەيۋەن تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىككى خادىمى خىتايغا مەلۇمات ساتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى
- تەيۋەن ب د ت ئەزالىقى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- تەيۋەن ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنۇشنى ئويلاشماقتا
- تەيۋەندە يۈز مىڭلىغان كىشى، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى
- چېن شۈيبيەن : تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا تامامەن ھەقلىق