بۈگۈن، خىتايدا سىياسى ئىسلاھات تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان "4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى" قانلىق باستۇرۇلغىنىغا 18 يىل بولدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن خوڭكوڭدا مىڭلىغان ئامما شام ياندۇرۇپ قىرغىنچىلىقتا قۇربان بولغانلارنىڭ روھىنى سېغىنىپ ئۇلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
ئەمما، بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ تەرەپ تيەنئەنمېن ۋەقەسى خاتىرە كۈنىدىكى ئامانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ۋە بەزى تونۇلغان ئۆكتىچىلەرنى قولغا ئالغان ھەم ئۇلارغا تەھدىت سالغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ قېتىملىق نامايىشقا قاتناشقان پۇ جىچياڭ، ئۆزىنىڭ "ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى" نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تۇتۇلغانلىقىنى ۋە ئىككى سائەتتىن كىيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
"تيەنئەنمېن ئانىلىرى" تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان دىڭ زىلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ 3- ئىيۇن كەچتە تيەنئەنمىن مەيدانىغا بېرىپ قازا قىلغان ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈشىگە يول قويغان.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مۇشۇ 18 يىلىدىن بېرى تۇنجى قېتىم بىزگە بۇ ئىشنى قىلىشقا يول قويۇلدى. بەلكىم ھۆكۈمەت 2008-يىللىق ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن ئوبرازىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن." لېكىن، دۈشەنبە كۈنى كۈندۈزى، ھۆكۈمەت تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن نەچچىلىگەن ساقچى ماشىنىسى ئەۋەتكەن.
1989-يىلى 4- ئىيۇن، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تانكا- برونېۋىكلار بىلەن سىياسى ئىسلاھات تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق باستۇرغان ۋە نەچچە يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 4- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بەلكىم بۇ سان نەچچە مىڭغا يېتىش مۇمكىن ئىكەن.
مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بېرىسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نامى مەشھۇر ئۆركەش بولۇپ، ئۇ ھازىر تەيۋەندە ھايات كەچۈرمەكتە.(جۈمە)