تىيەنئەنمېن ئانىلار ھەرىكىتى سەيشەنبە كۈنى بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىپ، فرانسىيە پرېزدېنتى جەك شىراكنىڭ خوڭكوڭدا قىلغان خىتايغا قورال سېتىپ بەرمەسلىك جازاسىنى بىكار قىلىش چاقىرىقىنى ئەيىپلىدى.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "مىڭباۋ گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىيەنئەنمېن ئانىلار ھەرىكىتى باياناتىدا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتاينىڭ1989 - يىلدىكى تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى جازالاش ئۈچۈن بۇ جازانى يولغا قويغانلىقىنى، ئەگەر بۇ بىكار قىلىنسا، كىشىلەرگە خاتا تەسىر بېرىپ، تىيەنئەنمېن ۋەقەسى سەل قارىلىپ ھەتتا تېزلا ئۇنتۇلۇپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.
فرانسىيە پرېزدېنتى شىراك خىتايغا قىلغان زىيارىتى داۋامىدا سودا ئالاقىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئالدىغا قويغان ھەمدە خىتايغا بېرىلگەن جازانى بىكار قىلىشقا كۆپ كۈچ چىقارغان ئىدى. ئەمما ياۋروپا بىرلىكى سەيشەنبە كۈنى بۇ جازانى ھازىرچە بىكار قىلمايدىغانلىقىنى جاكالىدى. (پەرىدە)