خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇشىنى ئاقلىدى

4 - ئىيۇن تيەنئەنمىن دېموكراتىك ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 16 يىللىق خاتىرىسىنىڭ ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرۇش قىلمىشىنى ئاقلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈئەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىگە بەرگەن باھاسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، "ئۆتكەنكى 16 يىلدىن بۇيان خىتايدىكى تەرەققىياتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتا چىقارغان قارارى توغرا بولغان" دېدى.

1989 - يىلى 4 - ئىيۇن كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچلىق بىلەن دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى قوراللىق باستۇرغان. ۋەقەدە يۈزلىگەن، ھەتتا مىڭلىغان كىشىلەر ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ 16 يىللىقى خاتىرىسىنىڭ ھارپىسىدا، سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە قاراتقان نازارەتنى كۈچەيتكەن. بەزى ئۆكتىچىلەرنىڭ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدى ئېلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۇلارنىڭ بېيجىڭغا بېرىشىنى توسىغان. (ئارزۇ)