خىتاي، تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ماۋ زېدوڭنىڭ رەسىمىگە سىيا چاچقان كىشىنى قويۇپ بەردى


2006.02.22
defacedMao.jpg
ماۋ زېدوڭنىڭ ھەر خىل رەڭلەر بىلەن بويالغان رەسىمى. 1989-يىلى 23-ماي كۈنى تيەنئەنمىن مەيدانى. AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى 1989‏- يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە ماۋ زېدوڭنىڭ رەسىمىگە سىيا قۇتىسىنى ئاتقانلىقى سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلانغان سىياسىي مەھبۇس يۈ دۇڭيۈېنى چارشەنبە كۈنى قويۇپ بەردى. يۈنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ يېقىندا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا يۈنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن خەۋەر قىلمىغان. بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن يۈ دوڭيۈﯤ 16 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت تۈرمىدە ياتقان. شۇنداقلا ئۇ تۈرمىدە ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغاچقا، ھازىر ئۇنىڭ نېرۋىسى بىنورماللاشقان ھەمدە تەپەككۈر ئىقتىدارى ئاران 3-4 ياشلىق بالىلارنىڭكىدەك ئىكەن. يۈنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھازىر ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كۆپ كۈچ چىقىرىپ كەلگەن ئامېرىكىنىڭ "دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى" يۈ دوڭيۈېنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىكى مۇھىم زاتلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە چېتىشلىقى بولغان 70 نەچچە نەپەر سىياسىي مەھبۇسنى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.