خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى رەت قىلىپ، بۇنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق دەپ ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ " ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىپادىسى، خىتاينى ئاسساسسىز ئەيىبلەش ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىقچە ئارىلاشقانلىق" دېدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە، تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىنى "سىياسىي قالايمىقانچىلىق" دەپ سۈپەتلەپ، خىتاينىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدە ئاللىقاچان ئوچۇق يەكۈن چىقىرىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتايدىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
4-ئىيون كۈنى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى بۇ ۋەقەدە زىيانكەشلىكىكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئېنىق سانلىق مەلۇماتىنى بېرىشكە چاقىرغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شيون ماكورماك بۇ ھەقتە، " بۇنىڭدىن 17 يىل بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تىنچ يولدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتنى قانلىق باستۇرغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن، يارىلانغان ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ تولۇق سانلىق مەلۇماتىنى بېرىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ" دېگەن.
1989- يىلى 4- ئىيون كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېندە ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرۇپ، قولىدا قورالنىڭ سۇنىقىمۇ بولمىغان نەچچە يۈزلىگەن ھەتتا نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. (پەرىدە)