تيەنئەنمىن مەيدانىدا بىر كىشى ئۆزىگە ئوت قويۇپ، ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى


2006.07.20

خوڭكوڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى، يېقىندا بىر خىتاي دېھقاننىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ، ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۈر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ كىشىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆزىگە ئوت قويغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

تيەنئەنمىن مەيدانىنىڭ، خىتاينىڭ يۈرىكى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، خوڭكوڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى": تيەنئەنمىن مەيدانى 1989 ‏- يىلى 4 ‏- ئىيۇن دېموكراتىك ھەرىكىتى قانلىق ئۇسۇلدا باستۇرۇلغان جاي، شۇنىڭدەك تارىختىن بۇيان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرىدىغان جاي ئىدى، بىراق ، خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن مەيدانىنىڭ ئامانلىق خىزمەتلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلمەكتە" دەپ كۆرسەتتى.

خوڭكوڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى يەنە": خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئەركىن ئىپادىلىشىگە توساق قۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىگە ئىزچىل تۈردە خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ، بىراق ،تيەنئەنمىن مەيدانىدا 2001 ‏- يىلى فالۇڭگۇڭ تەرىقىتىنىڭ 5 نەپەر مۇرىتى ئۆزىگە ئوت قويۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى. بۇلاردىن سىرت دېھقانلارنىڭ يەرسىز قېلىش مەسىلىسى ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىلىرى، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نەپرىتىنى ئىزچىل تۈردە كۈچەيتمەكتە" دېدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.