تيەنئەنمېن ئانىلىرى ئوچۇق خەت يېزىپ 4- ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى

خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، 1989 يىلى 4- ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە زاۋال تاپقانلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىش ھەققىدە مۇراجىئەت نامە يوللىدى.

مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، 4- ئىيۇن ۋەقەسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش خىتاينىڭ دېموكراتىيە دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئامىل بولۇپ، خىتاي سىياسىتى تېخى ئۇ دەرىجىدە ئەركىن ئەمەس ئىكەن.

4-ئىيۇن ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بولغان "تيەنئەنمېن ئانىلىرى" تەشكىلاتى، خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك سىياسى كېڭىشگە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ۋە بېيجىڭدىكى رەھبەرلەرگە ئوچۇق خەت يوللاپ، ئۇلارنى بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاشقا قىستىدى.

1989 يىلى ئاپرېلدا، دېموكراتىيىنى ياقلايدىغان ئىلغار زىيالىيلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىغا يىغىلىپ خىتايدىن سۆز-پىكىر ئەركىنلىكى ۋە سىياسىي ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان ۋە ئاچلىق ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما، خىتاي رەھبەرلىرى ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئادەملەرنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. (جۈمە)