خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى


2005.01.13

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر كۈنى ئەتىگەن تيەنئەنمىن مەيدانىغا مىڭ نەپەر ساقچى خادىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىيارەتچىلەرنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى كۈزىتىشكە باشلىدى.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بەلگىلىمە ئارقىلىق تيەنئەنمىن مەيدانىدا تاڭ سەھەردە بىرەر نامايىش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان بولىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى بويىچە، ھەر كۈنى ئەتىگەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا كەلگەن زىيارەتچىلەر گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تيەنئەنمىن مەيدانىغا كىرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ بۇ يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرىنى قوللانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىدا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق رەھبىرى جاۋ زىياڭنىڭ كېسلىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى. جاڭ زىياڭ 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرۇشقا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىپ، 15 يىلدىن بۇيان ئۆيىدە نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان.

ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، جاۋزىياڭ خىتايدىكى ئىسلاھاتچىلار چوقۇنىدىغان بىر زاتقا ئايلانغان. شوڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ناۋادا ئۇ ئۆلۈپ كەتسە، كىشىلەرنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدا كەڭ - كۆلەمدە نامايىش ۋە تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.