خىتاي ساقچى دائىرىلىرى، تىبەتلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھىمايە قىلغۇچى ئىككى نەپەر چەتئەللىك پائالىيەتچىنى قويۇپ بەرگەن .
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ ئىككى چەتئەللىك پائالىيەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تىبەتلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر تىبەتلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىسە، بېيجىڭنىڭ 2008 - يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىشكە لايىق ئەمەس دىگەنلىگى ئۈچۈن، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭدا قولغا ئېلىنغان .
تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى ئاۋىسترالىيەدىن يەنە بىرى ئامېرىكىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بىر قانچە سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ، مەزكۈر تەشكىلات، پائالىيەتچىلەرنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ، خىتايدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە . (ئەقىدە)