دالاي لاما ۋەكىلى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن 5‏-قېتىملىق سۆھبەتنى باشلىدى


2006.02.15

تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىسى دالاي لامانىڭ ئەلچىلىرى چارشەنبە كۈنى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن 5‏-قېتىملىق سۆھبەتنى باشلىدى. ئەمما سۆھبەت يېپىق يىغىن شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغاچقا، سۆھبەت مەزمۇنلىرى سىرتقا ئاشكارىلانمىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى تۇبتېن سامپېل " بىزنىڭ ئۈمىدىمىز، تىبەت مەسىلىسىنى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق تىبەت خەلقىنى ئۆزى ئۈچۈن نېمىنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىشتۈرۈش" دەيدۇ.

2002‏- يىلىدىن ھازىرغىچە دالاي لاما ۋەكىلى بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرى 4 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق كونكرېت نەتىجە ھاسىل قىلالمىدى. تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئۇلارنىڭ 2005 ‏- يىلى شىۋىتسارىيىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر نەچچە قېتىملىق سۆھبىتىنىڭ ناھايىتى " سەمىمىي" ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تىبەتلىكلەرگە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما خىتاي دائىرىلىرى تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ، بۇ ھەقتىمۇ ھېچقانداق تۈزۈك مەلۇمات بەرمەي كەلدى. شۇنداقلا خىتاي يەنە، تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىنى پەقەت شەخسىي نامدىكى زىيارەت دەپلا چۈشەندۈردى.

ئەمما بۇ سۆھبەت ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، دالاي لامانىڭ ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى ھەمدە خىتاي دائىرىلىرى ئىسرائىلىيىگە ئوچۇق نارازىلىق بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.