خوڭكوڭدا تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرگە ماتەم بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى
2007.05.27
يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭ شەھەر مەركىزىدە 1500 دىن ئارتۇق ئادەم 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 18 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خوڭكوڭدىكى بۇ نامايىش 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان كەڭ كۆلەملىك خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ھارپىسى سۈپىتىدە توغرىلانغان بولۇپ، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خوڭكوڭدىن تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، نامايىشچىلار 1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ماتەم بىلدۈرگەن.
نامايىشچىلار بىر بېيجىڭپەرەس قانۇن پالاتا ئەزاسىنىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسى ھەققىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتە تۇرۇپ، ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئوق چىقارغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ ئېيتقان سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. مالى ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ سۆزى خوڭكوڭلىقلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خوڭكوڭ خەلقى 18 يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى 4-ئىيۇندا ۋەقەدە ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، شام يېقىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بېيجىڭ دائىرىلىرىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى كەيپىيات يەنىلا جىددى
- گۇاڭشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى توپىلاڭ تېخى تىنجىمىدى
- گۇاڭشى بوبەيدىكى دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقى مەتبۇئاتلاردا مۇلاھىزە قىلىنماقتا
- گۇاڭشىدىكى دېھقانلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى قوزغىلىڭى ساقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلدى
- خىتايدا مىڭلىغان ئامما "پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى "گە قارشى نامايىش قىلدى
- ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئىشچىلار، 1 - ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى نامايىشلار ئۆتكۈزدى
- چوڭچىڭ شەھرىدە ئايال ئىشچىلار كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى
- خوڭكوڭدىكى سايلام خۇلاسىسى چىقتى