خىتايدا قەھرىتان سوغۇقتا توك توختاپ قېلىش ھادىسىلىرى ئۆزلۈكسىز يۈز بەرمەكتە


2008.01.23

خىتايدا قىش كىرگەندىن بۇيان، قەھرىتان سوغۇقتا توك توختاپ قېلىش ھادىسىلىرى ئۆزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، خەلق ھازىر ئىسىنىش جەھەتتە كۈتۈلمىگەن جىددىي قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى توك ئىشلىتىشتە رايونلار بۇيىچە ئوخشىمىغان چەكلىمە قويۇپ، خەلقنىڭ ئىسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مەسىلىنى ھەل قىلىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ئادەتتە ئېلېكتىر قۇۋىتى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يېقىلغۇنىڭ 70% ى كۆمۈر ئىدى. يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلالمىغانلىقتىن، كۆمۈر كانلار كۆپلەپ تاقىلىپ كەتتى. بۇ چاغدا دۇنيادا يېقىلغۇ باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەشكە باشلىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا دەرھال ئېلېكتىر قۇۋىتى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقتى ۋە جىددىيلەشتى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ مەسىلە، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، خىتايدا ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ئاساسى قۇرۇلۇش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتىگە ماسلىشالمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.