سەندۇڭدا ساقچىلار يارىلاندۇرغان دېھقانلار 300 مىڭ يۇەندىن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا


2006.11.15

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرى خۇەييىن رايونىنىڭ جاڭجۇاڭ كەنتىدە يەر ‏- زېمىنى تارتىۋېلىنغان 1000 دىن ئارتوق دېھقان، 11 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى ساقچى پونكىتىنى قورشىۋالغاندا، ساقچىلار بىلەن تۇقۇنۇشۇپ قالغان. ۋەقەدىن كېيىن 1400 نەپەر ساقچى كېلىپ دېھقانلارنى باستۇرغان. دېھقانلاردىن 20 دىن ئارتۇق ئادەم يارالانغان، 7 ئادەم قولغا ئېلىنغان.

'جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كەنتتە يارىلانغان دېھقانلارغا 5000 يۇەندىن تۆلەم بېرىشنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كەنتنىڭ دېھقانلىرى ھەر بىر كىشى ئۈچۈن 300 مىڭ يۇەندىن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ ۋەقە تېخى بېسىقمىغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.