خىتاي توقۇمىچىلىق ئېكسپورت ماللىرىدىن ئالىدىغان باجنى كۆپەيتتى
2004.12.13
ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتاي ئەرزان ماللىرىغا بولغان بېسىمى ئاستىدا، خىتاي توقۇمىچىلىق ئېكسپورت ماللىرىدىن ئالىدىغان باجنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق بەزى توقۇمىچىلىق ماللىرىنىڭ ئېكسپورتىنى چەكلەشكە مەجبۇر بولدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇ چارىنىڭ كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما باجنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۆستۈرىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ قايسى توقۇمىچىلىق ماللىرىغا قارىتىلغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىدى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتى كېلىشىمىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرى ۋە كىيىم-كېچەكلىرىگە قويۇلغان سان جەھەتتىكى چەكلىمىسى كېلەر يىلى -1ئايدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى بۇ سەۋەبتىن خىتاي ماللىرىنىڭ دۆلىتىگە چەكلىمىسىز ھالدا كۆپ مىقداردا تۆكمە قىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرى نۆۋەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تەھدىت بولىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ جەھەتتە خەلقئارانىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا. (پەرىدە)