خىتاي جەنۇبىي ئافرىقىغا ئېكىسپورت قىلىدىغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2006.06.22

خىتاي جەنۇبىي ئافرىقىغا ئېكىسپورت قىلىدىغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ چارشەنبە كۈنى ، ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بارغان زىياررىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى كېپ تاۋن شەھىرىدە بۇ قارارنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋېن جياباۋنىڭ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ": جۇڭگو ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ توقۇمىچىلىق بازىرىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ، مۇشۇ خىل يولنى تاللاشقا رازى " دېدى.

جەنۇبىي ئافرىقا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ، خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق كېيىم - كېچەكلىرىنىڭ كۆپلىكى سەۋەبىدىن ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ توقۇمچىلىق ساھەسى كاساتلىشىپ، كۆپلىگەن ئىشچىلارنىڭ ئىشسىزلىقىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. جەنۇبىي ئافرىقا پرىزىدېنتى مۇكىبىي خەلقنىڭ بېسىمى ئاستىدا خىتاي تەرەپكە، سودا تەڭپۇڭسىزلىقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇر بولغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ توقۇمىچىلىق كەسپى بويىچە ئىشسز قالغان ئىشچىلار سانى 100 مىڭغا يەتكەن.

ۋېن جياباۋ پەيشەنبە كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سودا رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن سىرت، جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن خەلىق ئىگىلىكى يادرو تېخنىكىسى قاتارلىق تۈرلەر بويىچىمۇ كېلىشىم تۈزەيدىكەن. جەنۇبىي ئافرىقا خىتاينىڭ ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ھېسابلىنىدۇ.

ۋېن جياباۋ، بۇ قېتىم ئافرىقا قىتئەسىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە مىسىر ، گانا ، كونگو ۋە ئانگولا قاتارلىق دۆلەرلەرنى زىيارەت قىلدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.