گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەنۋېي شەھىرىگە قاراشلىق بىر يېزىسىدىكى يەرلىك دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى. خوڭكوڭ "قۇياش گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، توقۇنۇش يەرلىك دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش سىياسەتلىرىگە نارازى بولغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.
گۇاڭدۇڭ جۇڭ شىيۇيۈەن يېزىدىسىكى دېھقانلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تۆت يىل ئاۋال ئىنتايىن ئاز تۆلەم پۇلى بىلەن تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋالغانلىقىغا نارازى بولغان ھەمدە يېزىلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ پۇللىرىغا خىيانەت قىلغانلىقىدىن گۇمانلانغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار كۆپ قېتىم ئالاقىدار تارماقلارغا ئەرز سۇنغان ۋە قارشىلىق نامايىشلىرىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق مەسىلىسى ھەل بولمىغان. نۇرغۇن ئەرز سۇنغان دېھقانلار ھەتتا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە 20 نەچچە ساقچى يېزىغا كېلىپ دېھقانلارنى ئەرز سۇنۇشقا تەشكىللىگەن ئىككى كىشىنى تۇتماقچى بولغىنىدا، نەچچە يۈز دېھقانلار ئۇلارنى قورشاۋغا ئالغان. بۇ ئارىدا ساقچى ماشىنىسى قورشاۋنى يېرىپ چىقماقچى بولۇپ، بىر نەچچە دېھقاننى سوقىۋەتكەن. غەزەپلەنگەن دېھقانلار ساقچىلار بىلەن 20 نەچچە سائەتتەك توقۇنۇشقان. نەتىجىدە، شەنۋېي شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئادەم ئەۋەتىپ، دېھقانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ھەمدە دېھقانلارنىڭ يەرلىك پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش، ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان ئالتە دېھقاننى قويۇپ بېرىش،ۋەقەدە يارىلانغانلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى تۆلەش قاتارلىق تەلەپلىرىگە قوشۇلغان. (ئارزۇ)