گۇاڭدۇڭدا 50 مىڭ كىشى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى


2004.12.26

خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر كەنتتە شەنبە كۈنى دېھقانلار بىلەن ساقچىلار قاتتىق توقۇنۇشۇپ، ۋەقەدە ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئۆلگەن ۋە نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.

خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. خوڭكوڭ مىڭباۋ گېزىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ۋەقە ساقچىلارنىڭ زومىگەرلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. دۇڭگۈەن شەھىرى دا لىياڭ كەنتىدىكى بىر ئوقۇغۇچى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ بىر ئەر تۇققىنى دەۋالىشىش جەريانىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.

بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن يۇرتداشلىرى، تۇغقانلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ زومىگەرلىكىدىن تويغان كۆچمەن ئىشچىلاردىن بولۇپ جەمئىي 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى شەنبە كۈنى يەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تۆتتەك ساقچى ماشىنىسىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. يەرلىك ھۆكۈمەت نەچچە يۈزلىگەن ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، توقۇنۇشنى بېسىقتۇرغان ھەمدە 10 دەك ئادەمنى قولغا ئالغان.

خوڭكوڭدىكى ئالما گېزىتى بولسا، ۋەقەنىڭ ساقچىلار ۋېلىسىپىت ئوغرىلىغان بىر ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلماقتا.

خىتاينىڭ يېزىلىرىدا ھەر خىل زوراۋانلىق توپىلاڭ ۋە توقۇنۇشلار كۆپ يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار، بۇنىڭ، كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكى ۋە ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشىگە قارشى نارازىلىق كەيپىياتلىرىنىڭ كۈچىيىشىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.