جېجياڭدىكى قانلىق توپىلاڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەت داۋاملىق جىددى بولماقتا


2005.04.13

يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن دېھقانلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى داۋاملىق ئاشماقتا.

توپىلاڭ يۈز بەرگەن جېجياڭنىڭ دوڭياڭ شەھىرىگە قاراشلىق خۇئاشى يېزىسىدىكى بىر دېھقان فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا، توپىلاڭدىن كېيىن بۇ يېزىغا بىرمۇ ساقچىنىڭ كېلىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ، ساقچىلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىن قورققانلىقىنى بىلدۈردى.

توپىلاڭ دېھقانلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نارازى بولۇپ كەلگەن بىر زاۋۇت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، دېھقانلار ھۆكۈمەت ئېچىشقا رۇخسەت قىلغان بۇ زاۋۇتتىن چىققان كېرەكسىز ماددىلارنىڭ مۇھىتقا ۋە سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بولۇپمۇ بۇنىڭ مەزكۇر يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ سۇ مەنبەسىگە قۇيۇلغاچقا، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما دېھقانلارنىڭ بۇ نارازىلىقىغا ھېچكىم قۇلاق سالمىغاچقا، ئۇلار زاۋۇت ئەتراپلىرىغا كەپىلەرنى سېلىپ، زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان. كېيىن 300 دىن ئوشۇق خىتاي ساقچىسى بۇ رايونغا كېلىپ كەپىلەرنى ئۆرۈشكە باشلىغاندا، بۇ يېزىدىكى دېھقانلار ھەممىسى كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ ساقچىلارغا تاش ۋە پىچاقلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان ھەمدە بۇ توقۇنۇشتا خىتاي ساقچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن بولۇپ 80 گە يېقىن كىشى يارىلانغان. خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭغا قاتناشقان دېھقانلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ يېزىدىكى بىر دېھقان يەنە مەزكۇر ئاگېنتلىققا، دېھقانلارنىڭ نۆۋەتتە زاۋۇتنىڭ قايتا ئىش باشلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىرمۇ داۋاملىق بۇ زاۋۇتنى قورشاپ تۇرىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تاكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد تۈگىگىچە مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.