خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى بىر ساقچى پونكىتى پۇقرالارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى


2005.06.27

خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى چىجوۋ رايونىدا نەچچە مىڭ پۇقرانىڭ شۇ جايدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقە بۇ رايوندا يۈز بەرگەن بىر قاتناش ھادىسىسىدىن كېلىپ چىققان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، تاكى دۈشەنبە كۈنى سەھەرگىچە داۋام قىلغان. نامايىشچىلار ساقچى پونكىتى ئالدىدا پوجاڭزا ئاتقان شۇنداقلا ساقچىلارنى تاش بورانغا تۇتقان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ۋەقە بىر شەخسى ماشىنىنىڭ بىر يولۇچىنى سوقۇۋېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ماشىنا ئىگىسىنىڭ مۇشتۇمزورلىقىغا چىدىمىغان پۇقرالار، شوپۇر ۋە ئۇنىڭ ماشىنىسىنى ئەتراپتىكى ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، تەرتىپ ساقلاشقا ئۇرۇنغان ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. دائىرلەر 700 دىن ئارتۇق ساقچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، تەرتىپنى شۇ كېچە سائەت 11 دىن كېيىن ئاران ئەسلىگە كەلتۈرەلىگەن. بۇ جەرياندا 6 ساقچى يارىلانغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ساقچى پونكىتىنى قورشىۋالغان نامايىشچىلارنىڭ 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك، باي - كەمبەغەللەر پەرقىنىڭ چوڭىيىشى قاتارلىق ئامىللار خىتايدا كەڭ كۆلەمدىكى ئىسيان يۈز بېرىش ئېھتىمالى ھەر ۋاقىت مەۋجۇتكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.