خىتايدا، كۆمۈر كان ئىشچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
2005.08.22
بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونىدا قانۇنسىز پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆمۈر كانلارنى پارتلىتىش ئارقىلىق پۈتۈنلەي تاقاش ھەرىكىتى، كۆمۈر كان ئىشچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.
فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، گۋاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، يېقىندا بۇ يەردە قانۇنسىز پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن ۋە 122 كۆمۈر كان ئىشچىسىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەدىن كېيىن، بۇ ئۆلكىدىكى قانۇنسىز كۆمۈر كانلارنى پۈتۈنلەي تاقاشنى قارار قىلغان. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى كۆمۈر كان ئىشچىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ليەنجۇ شەھىرىدە مىڭ ئەتراپىدىكى كۆمۈر كان ئىشچىسى ۋە يېزا خەلقى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. شۇنداقلا شاۋگۋەن شەھىرى سىرتىدا كۆمۈر كانغا مەبلەغ سالغان مىڭلىغان رايون ئاھالىسى ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى كۆمۈر كانلارنى تاقاش قارارىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
ليەنجۇدىكى شىچۇڭ كۆمۈر كانىنىڭ سابىق ئىشچىلىرىنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئالدىن خەۋەر قىلماستىن، كۆمۈر كانلارنى پارتلاتقان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت رايوندىكى ئاھالە، كۆمۈر كان ئىشچىلىرى ۋە ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىقىشىغا سەۋەپ بولغان. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىكى كۆمۈر كان ھادىسىلىرىدە ئالتە ھەپتە ئىچىدە 700 ئىچى ئۆلدى
- چەي زۇڭگو خىتايدىكى كۆمۈر كان مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- خۇبېيدا ئونمىڭلىغان خەلق خۋاڭشى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى قورشىۋالدى
- ئىچكى موڭغۇلدا 2000 دەك كەنت ئاھالىسى ساقچىلار بىلەن قاتتىق توقۇنۇشقان
- ئەنخۇيدە نەچچە مىڭ كىشى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى