گۇاڭدوڭدا دېھقانلار بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشۇپ قالدى

گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە شەنبە كۈنى، يەرگە بېرىلگەن تۆلەم مەسىلىسى سەۋەبىدىن دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نەچچە كىشى يارىلاندى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭدوڭنىڭ جۇڭشەن شەھىرىگە قاراشلىق سەنجياۋ كەنتىدىكى نەچچە يۈز دېھقان شەنبە كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىڭ يەرلىرىگە بەرگەن تۆلەم سوممىسىغا نارازى بولۇپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. نەتىجىدە يۈزگە يېقىن ساقچى نامايىشچىلارنى قوغلىغاندا، نارازى بولغان خەلق، ساقچىلار بىلەن ئېيتىشىپ قالغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى ئاگېنتلىققا، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ھەمدە نۇرغۇنلىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نامايىشچىلار ئۆتكەن ھەپتە يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالدىغا بېرىپ، تىنچ ئولتۇرۇپ نامايىش قىلغان. ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ نارازىلىقىغا ئىنكاس قايتۇرمىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلار شەنبە كۈنى بۇ يەردىكى چوڭ قاتناش كوچىلىرىغا چىقىپ نامايىش قىلغان. لېكىن ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى بۇ توقۇنۇش توغرىسىدا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.

خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە ئۆتكەن ئايمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ چاغدا ساقچىلار نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرۇپ ئاز دېگەندە 20 كىشىنى ئېتىپ تاشلىغان ئىدى.(پەرىدە)