خىتايدا ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشتا بىر ئۆسمۈر قىز تاياق يەپ ئۆلدى

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇڭسەن شەھىرىدىكى سەنجاۋ بازىرىدا ئۆتكەن شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 13 ياشلاردىكى بىر قىز ئوقۇغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.

دائىرىلەر ئۆلگەن قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا 200 مىڭ يۈەن خۇن پۇلى تۆلىگەن. ئەمما قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن قىزىنى يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلدى، دەپ ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان " يۇلتۇزلۇق ئارال" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆلگەن قىزنىڭ جەسىدى دۈشەنبە كۈنى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن سەنجاۋ بازىرىدا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ قايتا نارازىلىق ھەرىكىتى قوزغىشىدىن ساقلانماقتا.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى تېخى يېقىندىلا سەنجاۋ ۋەقەسىدە ساقچىلارنىڭ پۇقرالارنى توك كالتىكى بىلەن ئۇرغانلىقىنى رەت قىلغان ئىدى. يېقىندىن بېرى گۇاڭدۇڭدا ھۆكۈمەتكە قارشى بىر قاتار ۋەقەلەر يۈز بەردى. ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭجۇ رايونىدا پۇقرالار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان ئىدى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەدە 3 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆلگەنلەرنىڭ 30 دىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. (ئەركىن)