خىتاينىڭ چىڭدۇ شەھىرىدىكى 354 - نومۇرلۇق ھەربىي كارخانىنىڭ سېتىلىشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن فابرىكا ئىشچىلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا نۇرغۇنلىغان ئىشچى يارىلانغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، فابرىكا ئىشچىلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى 16 - يانۋار كۈنى باشلىنىپ ئۈچ كۈن داۋاملاشقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي كرىزىسقا ئۇچرىغان كارخانىنى سېتىشنى قارار قىلغان. ئەمما ئىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ 300 مىليون يۈئەنگە ئەرزىيدىغان مەزكۇر كارخانىنى 80 مىليونغا سېتىش قارارىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى تەشكىللەپ، فابرىكا مۇدىرىنى كارخانىغا سولىۋالغان ھەمدە ئۇلار فابرىكا ئىدارىچىلىرىدىن ئىشچىلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان 200 مىليون تۆلەم پۇلىنى تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان.
نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئىشچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 16-يانۋار كۈنى 1300 ئەتراپىدا خىتاي ساقچىسىنىڭ فابرىكا مۇدىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كارخانىغا كېلىشى بىلەن ساقچىلار بىلەن ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش باشلانغان.ساقچىلار، ئۆزلىرىنى كارخانىغا كىرگۈزمىگەن ئىشچىلارنى توك كالتەكلىرى بىلەن ئۇرغان.
خىتايدا، ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىل خىتايدا 87000 قېتىم جامائەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان ۋەقە يۈز بەرگەن. (قانات)