يېقىندا يۈننەننىڭ يۈەنياڭ ناھىيىسىدا ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ساقچىلار 5 كىشىنى ئېتىپ يارىلاندۇرغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ باھار بايرىمىنىڭ 3- كۈنى يۈەنياڭ ناھىيىسىدىكى 5 نەپەر ساقچى خادىمى كوچىدا كېتىۋاتقان 10 نەچچە نەپەر ياش بالا بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ سوقۇشۇپ كەتكەن. ئاخىرىدا ساقچىلارغا ياردەملىشىشكە كەلگەن يەنە بىر ساقچى خادىمى بالىلارغا قارىتىپ ئارقا-ئارقىدىن 7 پاي ئوق چىقارغان.
شۇنداقلا ۋەقە يۈز بەرگەن يەرگە يېقىن جايدا كېتىۋاتقان بىر ئايالغىمۇ 2 پاي ئوق تەگكەن. نۆۋەتتە ساقچى دائىرىلىرى ئوق چىقارغان ساقچىنى قولغا ئالغان ھەمدە يەنە 5 نەپەر ياشنىمۇ "ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش" جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان. رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، يەرلىك مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن.
خىتايدا ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، تېخى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭجۇ كەنتىدە ساقچىلار نارازىلىق نامايىشى قىلغان نەچچە مىڭ پۇقراغا ئوق چىقىرىپ 30 نەچچە كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بۇ ۋەقە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.(پەرىدە)