گۇاڭدۇڭدا يەر ماجراسى سەۋەبىدىن دېھقانلار بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشۇپ قالدى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 23‏- ئىيون كۈنى يەر داۋاسى قىلىۋاتقان نەچچە مىڭلىغان دېھقان ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، ئاز دېگەندە ئىككى كىشى يارىلانغان.

بۇ ماجراغا چېتىلغان شەنتې-خۈيشىڭ ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا مەلۇم قىلىشىچە، نەچچە مىڭلىغان دېھقان بۇ شىركەتنىڭ ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن بەرگەن ھەققىغە نارازى بولۇپ نامايىش قىلغان ھەمدە مەزكۇر شىركەت قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان جايلارنى ئۇرۇپ-چېقىشقا باشلىغان. نەتىجىدە دېھقانلار بۇ شىركەتنىڭ ئىككى نەپەر مۇھاپىزەتچىسىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.

بۇ شىركەت مەسئۇلى دېھقانلار بىلەن بولغان تىجارەتنىڭ قانۇنلۇق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن دېھقانلارنىڭ يەر-زېمىنى ئۈچۈن زادى قانچىلىك ھەق بەرگەنلىكىنى ئېيتىشنى رەت قىلغان. خىتايدا بۇ خىل يەر ماجرالىرى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، كۆپۈنچە دېھقانلار يەر سودىگەرلىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىۋالغانلىقىدىن زارلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2005‏- يىلى دېكابىردا چىقارغان بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 11 ئاينىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئىشلەتكەن ھۆكۈمەت پۇلىنىڭ سوممىسى 290 مىليارد يۈەن يەنى 36 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. (پەرىدە)