گۈيياڭدا نەچچە يۈز كىشى توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى

گۇيجۇنىڭ گۈيياڭ شەھىرىدىكى نەچچە يۈز كىشى ساقچىلارنىڭ بىر كىشىنى ئۇرغانلىقىغا نارازى بولۇپ توپىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە ساقچى ماشىنىلىرىنى ئۇرۇپ چاققان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، توپىلاڭ دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ساقچىلارنىڭ گۈيياڭدا ۋاقىتلىق تۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن بىر كىشىنى ئۇرغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. توپىلاڭغا 300 دەك كىشى قاتناشقان ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى دېھقانلار ۋە كۆچمەن ئىشچىلار ئىكەن.

ساقچى دائىرىلىرى توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ساقچى قىسىملىرىنى چىقارغان. شۇنداقلا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان ھەمدە نەچچىسى قولغا ئېلىنغان.

خەۋەردە مەلۇم بولىشىچە، غەزەپلەنگەن بىر قىسىم كىشىلەر ساقچىلارنىڭ پۇلنىڭ كويىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ۋاقىتلىق تۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى چىڭىتىش ۋە بېجىرىش سوممىلىرىنى ئۆستۈرىۋېلىش ئارقىلىق كۆچمەن ئىشچىلارغا قەستەن ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەلق ئارىسىدىكى نارازىلىق نامايىشلىرى كۆپ كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۆتكەن بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا خىتايدا 87000 قېتىم خەلق قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەن. (پەرىدە)