خەينەندە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى


2006.07.16

خىتاينىڭ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ فەنكەي يېزىسىدىكى يۈزگە يېقىن كىشى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ، ساقچى ۋە يېزا ئاھالىلىرىدىن بولۇپ ئاز دېگەندە 60 قا يېقىن كىشى يارىلانغان. شۇنداقلا ساقچىلار 40 تەك كىشىنى قولغا ئالغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ يېزىدىكى ئاھالىلەر ئاز سانلىق مىللەتلەر بولۇپ، ئۇلار 7‏-ئاينىڭ 4 ‏-كۈنى سىرتتىن كەلگەن بىر تاكسى شوپۇرىنى ئۇلارنىڭ دىنىي مۇراسىمىنى بۇزغان دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ماشىنىسىنى تارتىۋالغان. تاكسى شوپۇرىنىڭ ساقچى دائىرلىرىغا خەۋەر قىلىشى بىلەن، دەنجوۋ شەھەرلىك ساقچى ئورۇنلىرى قوراللىق بىر تۈركۈم ساقچىنى فەنكەي يېزىسىغا ئەۋەتكەن.

يېزا ئاھالىسى قوللىرىدا پىچاق، توخماق ۋە چالما-كېسەكلەرنى ئېلىپ ساقچىلار بىلەن تۇتۇشقان. ھەر ئىككىلا تەرەپتىن بولۇپ، 60 قا يېقىن كىشى يارىلانغان. دەنجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ساقچىلارغا مەزكۇر يېزىدىكى قالايمىقانچىلىقنى دەرھال بېسىقتۇرۇشنى بۇيرىغان. نەتىجىدە ساقچى دائىرىلىرى 40 نەچچە كىشىنى قولغا ئالغان. بۇلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئاياللار ئىكەن.

12‏- ئىيول كۈنى ساقچىلار يەنە بۇ ھەرىكەتكە چېتىشلىقى بولغان ئاخىرقى بىر تۈركۈمدىكى 17 كىشىنى قولغا ئالغان. ئادەتتە خىتايدا ساقچىغا ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا قاتتىق جازا قوللىنىدۇ. خىتايدا مۇشۇ خىلدىكى خەلقنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قەدەر كۆپ كۆرىلىۋاتقان بولۇپ،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىلا خىتايدا خەلق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن 87 مىڭ قېتىم يۈز بەرگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.