خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى لىڭيۈەن شەھىرىدەنامايىش قىلغان 80 دىن ئارتۇق يېزا پۇقراسى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 3 ئادەم يارىلاندى ۋە يارىدارلار دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا شۇ جاينىڭ باشلىقى، پارتىيە ياچىيكا سېكرىتارى ۋە ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى خىيانەتچىلىك سەتچىلىكىگە چېتىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان. بۇ يىل 7 - ئايدا لىڭيۈەن شەھىرىنىڭ ۋەنيۈەنديەن بازىرىدىكى ئەمەلدارلار يېزا پۇقرالىرىنىڭ تېرىلغۇ قوشۇمچە ياردەم پۇلىنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ بازاردىكى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن بۇ توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دائىرىلەر لىڭيۈەن بازىرىغا ئامانلىق كۈچلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، 4 كىشىنى قولغا ئالدى ، 3 كىشى ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بۇ ۋەقە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنمىدى.
خىتاي دۆلەت ئىشلا ركابېنتى يېقىندا ھەر قايسى مەتبۇئاتلارغا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاممىۋىي نامايىش ۋە توقۇنۇشلارنى خەۋەر قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدا مەملىكەت بويىچە ئاممىۋىي نامايىشلار ، بولۇپمۇ يېزا پۇقرالىرىنىڭ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش ۋەقەلىرى كەڭ كۆلەمدە يۈز بەرمەكتە. ئانالىزچىلار، خىتايدا باي- كەمبەغەللەر پەرقىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى بۇ خىل توقۇنۇشلارنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولماقتا، دەپ قارىغان. (ئەركىن)