گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە لەنجۇ شەھەرلىرىدە ئامما بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى


2006.09.14

خىتايدا ئىككى كۈندىن بېرى، ھۆكۈمەتكە ۋە ساقچىلارغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلەر ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى، لەنجۇ سودا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار ساقچى ماشىنىلىرىغا قارىتىپ بوتۇلكا ۋە تاش ئاتقاندىن سىرت، ساقچى ماشىنىسىنى كېرەكسىز ھالەتكە كەلتۈرگەن. ۋەقە بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسسىق سۇ ئىشلىتىشى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ساقچىلارنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە چوڭىيىپ كەتكەن.

بۇ ئارىدا ئىستانسىمىز يەنە، گۇاڭدۇڭ شىنخۇي شاتۇي كەنت ئاھالىسى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا جىدەل چىقىپ، ساقچىلارنىڭ ياشانغان ئاياللارنى توك كالتەك بىلەن ئۇرغانلىقى 4 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.

خوڭكوڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ۋەقە كەنت ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش جەريانىدا يۈز بەرگەن ساختىلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈش سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن. كەنت ئاھالىسى خوڭكوڭ مۇخبىرىغا، ساقچىلارنىڭ ئادەم ئۇرۇپ يارىلاندۇرغاندىن سىرت يەنە بىر قانچە ئادەمنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نەچچە يۈزلىگەن كەنت ئاھالىسى، كەنت ھۆكۈمەت بىناسىنى قورشاۋغا ئېلىپ، ساختا سايلامنى بىكار قىلىشنى ۋە يارىلانغانلارغا تۆلەم تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ھازىر، ساقچىلارنىڭ، قولغا ئالغان 4 كىشىنى قويۇپ بەرگەنلىكى ياكى قويۇپ بەرمىگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق خەۋەر يوق ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.