يۈننەندە جاۋ فامىلىلىك بىر مياۋزۇ ھۆكۈمەت ساقچىسىدىن 4 نى ئۆلتۈرگەن
2006.10.31
'رويترس ئاگېنتلىقى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى يۈننەن ئۆلكىسنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت مەھەللىسىدە، پارتلىتىش ۋاسىتىسى قوللىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئۆلتۈرگەن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايۇنى تەۋەلىكىدىكى جاۋ فامىلىلىك مياۋزۇنى قولغا ئالغان.
'بېيجىڭ ياشلىرى گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئاز سانلىق مىللەت ئادىمى ھۆكۈمەت ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ سۇئال سورالغاندا ساقچىغا پىچاق سالغان ۋە پارتلاتقۇچ ۋاستىسى قوللىنىپ ياردەمگە كەلگەن ساقچىلاردىن 3 نى ئۆلتۈرگەن ۋە يەنە ئىككى نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنى يارىلاندۇرغان.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىسىتىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان ۋەقە مۇشۇ بىرلا ئەمەس، 2005 - يىلىدا 400 نەپەر ساقچى مۇشۇ شەكىلدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 4000 دىن ئارتۇق ساقچى يارىلاندۇرۇلغان. بېيجىڭدىمۇ ئۆتكەن ھەپتىدە، بىر ساقچى گۇمانلىق ئاپتوموبىللارنى توسقاندا ئۆلتۈرۈلگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە لەنجۇ شەھەرلىرىدە ئامما بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- لياۋنىڭدا ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىشچىلار خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى
- خەينەندە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- گۈيياڭدا نەچچە يۈز كىشى توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى