ئىچكى موڭغۇلدا 5 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى


2007.06.14

مەركىزى خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 20 ئادەم يارىلانغان، 3 ئادەم قولغا ئېلىنغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن جۈمە كۈنى، 5000 دىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى نەچچە يۈزلىگەن خىتاي ئامانلىق ساقلاش ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان بولۇپ، ۋەقە ھۆكۈمەتنىڭ ئاھالىلەرنىڭ يەرلىرىنى ئەرزان باھادا تارتىۋېلىشى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كۆكخوت شەھىرىدىكى بىر ئاھالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلىدە ھەر بىر كۋادرات مېتىر يەرنىڭ باھاسى 3مىڭ 500 يۈەنگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئاھالىلەرگە ئاران 1مىڭ 300 يۈەن بېرىشنى بېكىتكەن.

خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى 6 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ، تەخمىنەن 500 گە يېقىن ساقچى ۋە ئۆي كۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ، كۆكخوت شەھىرىدىكى بىر رايوندا يەرلەرنى تۈزلەش ۋە يەر دائىرىسىنى بەلگىلەش خىزمىتى باشلىنىشى بىلەن كېلىپ چىققانلىقىنى، 5000 دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى نەتىجىسىدە ،توقۇنۇش يۈز بېرىپ 20 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە 2 ئايالنىڭ ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن سىرت خەلق ئاممىسى 3 ساقچى ماشىنىسىنى ۋەيران قىلغان بولۇپ،بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك 3 كىشى قولغا ئىلىنغان.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، نۇرغۇنلىغان دېھقانلارنى يەرلىرىنى ئەرزان باھادا ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشقا ياكى كۆچۈشكە مەجبۇرلىماقتا ۋە بۇنىڭ بىلەن ناھايىتى چوڭ نارازىلىقلار مەيدانغا كەلمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.