يېقىندا چۇڭچىڭنىڭ يۇقىرى پەن - تېخنىكا رايونىدا، بازار باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن يايمىچىلىق قىلىۋاتقان ئۇششاق تىجارەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ساقچىلارنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە بېسىقتۇرۇلغان.
ۋەقە، بازار باشقۇرۇش خادىمىنىڭ بىر يايمىچىنى ئۇرۇشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ۋەقەگە شاھىد ئامما بازار باشقۇرۇش خادىمىنى قاتتىق يارىلاندۇرغان. نەچچە مىڭلىغان شەھەر ئاھالىسى ۋەقە يۈز بەرگەن جاينى قورشىۋالغان، نەچچە يۈزلىگەن ئامما جىدەلگە ئارىلىشىپ، بازار باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى ئۇرۇپ - چاققان ، ھەتتا ئوت قويغان. ئىستانسىمىزنىڭ تېلېفۇن ئارقىلىق ئىگىلىگەن مەلۇماتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قالايمىقانچىلىق نەتىجىسىدە بەش سائەتكە يېقىن قاتناش توختىغان بولۇپ، دائىرىلەر قوراللىق ساقچىلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان.
ئىستانسىمىز مۇخبىرى پەيشەنبە كۈنى چۇڭچىڭ يۇقىرى پەن - تېخنىكا رايونىدىكى ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفۇن ئۇرغاندا، قارشى تەرەپ ھەقىقەتەن چوڭ توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن بىر كۈنگە قەدەر شەھەر قاتنىشى ئەسلىگە كېلەلمىگەن.
ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، خەلقنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بولغان ئۆچمەنلىكى تۈپەيلىدىن ، ساقچىلار بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە. (ئەقىدە)