خىتايدا ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى


2007.09.11

رويېتىرس ئاگېنتلىقى سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۆتكەن ھەپتە ئىچكى موڭغۇلنىڭ باۋتو، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باۋجى ۋە خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن قاتارلىق جايلىرىدا، تۆمۈر يول مەكتىپىدە چىنىقىۋاتقان ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن 2 مىڭ ئەسكەر بىلەن نەچچە مىڭلىغان ساقچى ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، توقۇنۇشتا 20 نەچچە ئادەم يارىلانغان، 5 ئادەم قولغا ئېلىنغان بولۇپ ، خىتاي تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى بۇ يىل 7 ‏- ئايدا بىر تۇتاش ئىمتىھان تەسىس قىلىپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن 6 مىڭ ئەسكەرنى ، تۆمۈر يول تارمىقىنىڭ 12 مەكتىپىدە 2 يىلغا قەدەر چېنىقتۇرۇشنى قارار قىلغان.

ئەسكەرلىكتىن قايتقان 6 مىڭ كىشى مەكتەپنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش شارائىتلىرىنىڭ ناچارلىقىدىن نارازى بولۇپ توپىلاڭ چىقارغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، باۋتو تۆمۈر يول مەكتىپىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا يۈز بەرگەن توپىلاڭ ھەرىكىتى ھەققىدە سۆزلەپ، مەكتەپتىكى پۈتۈن سىنىپ ، ئىشخانىلارنىڭ ئىشىك ‏- دەرىزىلىرىنىڭ ئۇرۇپ چېقىۋىتىلگەنلىكىنى ھەتتا مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭمۇ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ ئوقۇغۇچى مەكتەپكە ئوت قويۇۋېتىلگەنلىك توغرىسىدىكى پاراڭلارنى ئىنكار قىلىپ، نۆۋەتتە مەكتەپنىڭ تېنچ ھالەتكە قايتقانلىقىنى ئېيتقان.

توپىلاڭ ، تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىغا تەۋە ئۈچ جايدىكى 12 مەكتەپتە بىرلا ۋاقىتتا تەڭ يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئىشخانا ۋە سىنىپلارغا ئوت قويۇۋېتىلگەن ، لېكىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قېتىم يۈز بەرگەن توپىلاڭنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ، مەتبۇئاتلارغا بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.