خىتاي زىيالىيلىرى "خىتاي ئەسىرى" تور بېتىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
2006.08.02
چارشەنبە كۈنى يۈزدىن ئوشۇق خىتاي زىيالىيلىرى ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلىرى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، "خىتاي ئەسىرى" تور بېتىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە ھۆكۈمەتتىن بۇ توربەتنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ ئوچۇق خەت، تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىگە قاتناشقان خىتاي دېموكراتلىرىدىن ۋاڭ دەن، ليۇ شياۋبو ۋە شۇ ۋەقەدە ئوغلىدىن ئايرىلغان "تىيەنئەنمېن ئانىسى" دەپ نام ئالغان دىڭ زىلىن قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىغىدا 100 نەچچە زىيالىينىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا "خىتاي ئەسىرى" تور بېتى ئۆزلىكىدىن توختاپ قالغان ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي بۇيرۇق بىلەن توختىتىۋېتىلگەن دەپ يېزىلغان.
ئوچۇق خەتتە بۇ تور بېتىنىڭ تاقىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلار كۆرسىتىلىپ، "خىتاي ئەسىرىنىڭ تاقىلىشى، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىلىم بېغىنى ۋەيران قىلغانغا، ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى باغلايدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تور سەھنىسىنى تاقىغانغا ۋە دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى خىتايلارنىڭ ئارىسىدىكى ئورتاق ئالاقە يولىنى ئۈزگەنگە باراۋەردۇر" دەپ كۆرسىتىلگەن.
خەتتە يەنە، بۇ تور بەتنى تاقاشنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 35- ماددىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ تور بەتنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. "خىتاي ئەسىرى" تور بېتى 2000- يىلى بېيجىڭ بىلەن خىتايدىكى مەدەنىيەت تەتقىقات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جەمئىيەت، ئىقتىسات، مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكىغا ئائىت تېمىلاردىن سىرت يەنە، خەلقئارا ۋەزىيەتنى ئاساس قىلغان تېمىلار مۇنازىرە قىلىنىدىكەن. بۇ تور بەتتە ئەركىن سۆزلەنگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ تېزدىنلا تورغا چىققۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرىلىرى تىبەتلىك ئايال يازغۇچىنىڭ تور بېتىنى پىچەتلىدى
- خىتاي دائىرىلىرى "خىتاي ئەسىرى" تور بېتىنى تاقىدى
- خىتاي ئىنتېرنېت قارا تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقتى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قوغداش لايىھىسىنى قوللىدى
- خىتاي ئېنتېرنېت تور بەتلىرىگە قاراتقان نازارىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە