خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى چىققۇچى قىيىن-قىستاققا ئېلىندى
2004.10.06
خىتاينىڭ پىلانلۇق تۇغۇت سىياسىتىگە ئىزچىل قارشىلىق بىلدۈرۈپ كىلىۋاتقان شاڭخەيلىك ئايال ماۋ خىڭفىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا ئەۋەتىلىپ، قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىنغان.
باش شتابى نىيۇ-يۇركتىكى "خىتاي كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتى"نىڭ بىلدۈرىشىچە، ماۋخىڭفىڭ ئەسلىي بىر ئىشچى بولۇپ، ئۇ 1988 - يىلى پىلاندىن سىرتقى ئىككىنجى بالىسىنى زاۋۇت دائىرىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن تۇققانلىقى ئۈچۈن، زاۋۇتتىن ھەيدەلگەن.
شۇندىن بېرى ماۋخىڭفىڭ ئىزچىل تۈردە "بىر بالىلىق بولۇش" سىياسىتىگە قارشى چىقىپ، ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئەرز سۇنغان. نەتىجىدە ئۇ بۇ يىل 4 - ئايدا شاڭخەي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئۇ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا ئەۋەتىلگەندىن كىيىن، قاتتىق دۈمبالىنىپ، قىيىن- قىستاققا ئېلىنغان.
خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئەيىپلىنىپ كېلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈش جەريانىدا، ئانا ۋە بالىلارنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەب بولىۋاتقانلىقى، نۇرغۇن ئائىلىلەرگە جىسمانىي ، روھىي ۋە ئىقتىساتى جەھەتلەردىن ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز زىيان-زەخمەتلەرنى يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىمەكتە. (ئارزۇ)