خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ھامىلدار ئاياللارنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن خوڭكوڭغا كېلىپ يەڭگىشىنى چەكلىدى


2007.01.14

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خوڭكوڭغا كېلىپ تۇغۇشىدەك ئەھۋالنىڭ كۈنسايىن ئەۋج ئېلىشىغا قارىتا، خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون مەھكىمىسى تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، چىقىرىلغان يېڭى قانۇن لايىھىسى بويىچە بۇنىڭدىن كېيىن خوڭكوڭ دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىن رۇخسىتى بولمىغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن خوڭكوڭغا ئۆتىشى چەكلىنىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خوڭكوڭ جامائەت ئامانلىقىنى ساقلاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى شاۋگۇاڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن خوڭ كوڭغا كېلىپ يەڭگىگۈچى ئاياللار بەش يىل جەريانىدا 19 ھەسسە كۆپەيگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىل بېشىدىن -10 ئايغىچە خىتاي ئىچىدىن جەمئىي 12 مىڭ ئېغىر ئاياغ ئايال خوڭكوڭغا كېلىپ بوشانغان.

خوڭكوڭدا بوشىنىدىغان خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇق ئاياللىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى بىلەن خوڭكوڭدىكى يەرلىك ھامىلدار ئاياللارنىڭ دوختۇرخانىلاردا نورمال بوشىنىش ھەمدە داۋالىنىشىغا تەسىر يەتكۈزگەن بولۇپ كارۋات ھەمدە دوختۇر يېتىشمەسلىك مەسىلىسى داۋاملىق كۆرۈلۈۋاتقان بولغاچقا، بەزى خوڭكوڭ ئاياللىرى قىممەت باھالىق شەخسىي دوختۇرخانىلاردا بوشىنىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن. بۇ يەنە خوڭكوڭدا داۋالىنىش، تۇرالغۇ ھەمدە مائارىپ ساھەلىرىدىمۇ جىددىيچىلىك پەيدا قىلغان. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.