خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قوپال شوئارلارنى چەكلىدى
-
2007-08-05 -
-
-
خىتاي دۆلەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، يېزا -كەنتلەردە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا ئىشلىتىلىۋاتقان قوپال ۋە سوغۇق شوئارلارنى چەكلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا يېزا -كەنت ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان " بىر بالا كۆپەيدى دېگەنلىك، بىر قەبرە كۆپەيگەنلىكتۇر" دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى چەكلەپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىشكە بولۇدىغان 190 شۇئارنىڭ تېزىملىكىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، خىتايدا ئاز دېگەندە 300 مىليون بالىنىڭ تۇغۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇھىم ھەسسە قوشقان.
لېكىن خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەنقىد قىلىۋاتقانلار، بۇ سىياسەتنىڭ، مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈش، تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە خىتايدىكى ئەر-ئايال نوپۇس نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، بايان قىلماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەگەر، بالا چۈشۈرۈش تەلىپى رەت قىلىنسا، ئويلەر ئۆرىلىدۇ، كالىلار مۇسادىرە قىلىنىدۇ قاتارلىق سۈپەتسىز شۇئارلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇسنى كونترول ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش پائالىيىتىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىكەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھامىلىدار بولغان قىز ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەردىن چىقىرىلىشىنى چەكلىدى
- خۇنەن پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن 8 ھەسسە ئۆرلىتىپ جەرىمانە ئالماقچى
- گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت توقۇنۇشى پەيدا قىلغان ئەمەلدارلارنى سوتلاش ئۈچۈن ئادۋوكاتلار ھەقسىز مۇلازىمەتكە تەييار
- گۇاڭشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى توپىلاڭ تېخى تىنجىمىدى
- گۇاڭشىدىكى دېھقانلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى قوزغىلىڭى ساقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلدى
- خىتايدا مىڭلىغان ئامما "پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى "گە قارشى نامايىش قىلدى
- خىتايدىكى جىنسىي تەڭپۇڭسىزلىق ۋە جەمىيەت زوراۋانلىقىنىڭ مەنبەسى
- خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ھامىلدار ئاياللارنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن خوڭكوڭغا كېلىپ يەڭگىشىنى چەكلىدى
- خىتايدا پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى پائالىيەتچى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلدى
- ئامېرىكا ب د ت دىن خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت پروگراممىسىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى