خىتاي دائىرىلىرى بىر پەرزەنتلىك تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇپ 30 يىلدىن كېيىن، بېيجىڭدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىر پەرزەنتلىك تۇغۇت سىياسىتىنى بىكار قىلىش ئېھتىمالى ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ بەيئې، "بىر پەرزەنتلىك سىياسەت " نى بىكار قىلىش مەسىلىسىنى ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئويلىشىۋاتقانلىقىنى" تەكىتلىگەن. ئۇ، مۇخبىرلارغا "مەن بۇنىڭ قاچان بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە كونكرېت قانداق سىياسەت يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى سۆزلىمەيمەن. لېكىن بۇ مەسىلە سىياسەت بەلگۈلىگۈچىلەرنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى " دەپ كۆرسىتىدۇ.
جاۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر نوپۇس بىلەن بايلىق تەقسىماتىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت، خىتايدىكى نۇرغۇن ئائىلىلەر "ياشلار قېرىلارنى بېقىش" ئەنئەنىسىدىن ۋاز كەچسە، بۇنىڭ خىتاي ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سېستىمىسىغا ئېلىپ كېلىدىغان بېسىمى قاتارلىقلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بېرى، خىتايدا 4 مىليون ئادەمنىڭ ئاز تۇغۇلغانلىقىنى، ئەگەر بىر پەرزەنتلىك تۈزۈم بىكار قىلىنسا خىتاي نوپۇسىنىڭ يەنە شىددەتلىك كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. لېكىن يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر بىر پەرزەنتلىك تۈزۈم نەتىجىسىدە ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەر - ئاياللار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. (ئەركىن)