خىتايدىكى بىر قىسىم تۇپراقلارنىڭ سۈپىتى تېز ناچارلاشماقتا


2004.09.16

ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان "يېڭى تەتقىقاتچىلار" ژورنىلىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاينىڭ قىسمەن رايۇنلىرىدىكى تۇپراقلارنىڭ سۈپىتى تېز ناچارلىشىپ، خىتاينىڭ كەلگۈسى ئاشلىق تەمىنات ئىقتىدارىغا تەھدىد ئېلىپ كەلمەكتە.

مەزكۈر ژورنالنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا تېرىلغۇ تېخنىكىلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە خىمىيىلىك ئوغۇتلارنى ھەددىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، تۇپراقنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچارلاشقان.

خىتايدا نۇرغۇن دېھقانلار ئاشلىقنىڭ ئورنىغا سەي كۆكتات ۋە مىۋە ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكتىن، تۇپراقلارنىڭ كىسلاتالىق تەركىبى ئېشىپ، نۇرغۇن يەرلەر ھوسۇلسىز يەرلەرگە ئايلانغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، خىتايدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقتارى بەش يىل ئاۋالقىغا قارىغاندا % 20تۆۋەنلەپ كەتكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.