خىتاي، تۈركىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى
2005.04.04
خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب قوماندانى لياڭ گۇاڭليې دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا تۈركىيە ھاۋا ئارمىيە قوماندانى گېنېرال پولكوۋنىك ئىبراھىم فىرتىنانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لياڭ گۇئاڭليې سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە ئارمىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاكتىپ قەدەملەرنى بېسىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېنېرال ئىبراھىم فىرتىنا، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ "بىر جۇڭگو" پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان.
گېنىرال فىرتىنا يەنە، تۈركىيىنىڭ يەر يۈزىدە سۈنئىي ھەمراھ پونكىتى قۇرۇش، سۇنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ۋە ھەربىي تەلىم-تەربىيە ساھەلىرىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيە قوماندانى ئىبراھىم فىرتىنا يەكشەنبە كۈنى خىتايغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ يەنە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ئارمىيە قوماندانى چياۋ چىڭچېن بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. ئۇنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى تاكى 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي باش مىنىستىرى تۈركىيىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەخمەت ئېيتتى
- تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا گۈلنىڭ خىتاي زىيارىتى
- تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت
- خىتايلارنىڭ تۈركىيىدە كۆپىيىشى نارازىلىق پەيدا قىلماقتا
- خىتايدىن كەلگەن "سىرلىق گاز" ئەنقەرەدە تەشۋىش پەيدا قىلدى