خىتاي تۈركمەنىستان بىلەن تەبئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالىدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ دۈشەنبە كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇراد نىيازوف بىلەن خىتايغا تەبئىي گاز سېتىش ۋە خىتاي - تۈركمەنىستان ئارىسىدا گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش مەسىلىسى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى. لېكىن ھەر ئىككىلا تەرەپ كېلىشىمنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىدى.

ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم " تۇرۇبا ياتقۇزۇش بويىچە ئومۇمى كېلىشىم " دەپ ئاتالغان. بۇ كېلىشىم تۈركمەنىستاندىن خىتايغا تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىش مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق قوشنا ئەللەردىن تەبئىي گاز ۋە نېفىت سېتىۋېلىش، تۇرۇبا ياتقۇزۇش قاتارلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى دېڭىز ئارقىلىق نېفىت ۋە تەبئىي گاز يۆتكەشكە قارىغاندا قۇرۇقلۇق ئارقىلىق تۇرۇبىدا يۆتكەشنى تېخىمۇ بىخەتەر، دەپ قارىماقتا ئىكەن. قازاقىستان ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تۇتىشىدىغان نېفىت تۇرۇبا يولىنى ياسىدى. ئۆتكەن ئايدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن سىبىرىيىدىن خىتايغا تۇتىشىدىغان نېفىت - تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خۇ جىنتاۋ دۈشەنبە كۈنى نىيازوفنى خەلق سارىيىدا كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت تەبئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالاش بىلەن بىرگە تۈركمەنىستاننى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان. بولۇپمۇ تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ۋەدىنامە ئىمزالاپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئورتاق چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (ئەركىن)