ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر نەپەر پۇقراسىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە خارلانغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر نەپەر ئامېرىكا پۇقراسىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش گۇمانى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدا خورلىغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي نەسلىدىن بولغان ئامېرىكىلىق پروفېسسور ۋاڭ فىيلىڭنى تۇتقانلىقىنى مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك كىلىشىملەر بويىچە تۆت كۈن ئىچىدە ئامېرىكا دائىرىلىرىگە خەۋەر قىلمىغانلىقىغا ۋە ئۇنى خارلىغانلىقىغا رەسمىي نارازىلىق بىلدۈردى.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا جورجىيا شتاتىنىڭ تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ فىيلىڭ 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شاڭخەيدە قولغا ئېلىنىپ 8 - ئاۋغۇست كۈنىگىچە قامالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئەمگەكچىلەر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەن. ۋاڭ ۋىيلىڭ قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ تۆت كۈن سولاقخانىغا يالغۇز قامالغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا ئۇخلاش بىلەن سۇ ئىچىشتىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى ئىيتقان.(ئارزۇ)